كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇاڭ چى «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ۋەقەلىرىنى پاش قىلىدىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى تور بەتلەرنىڭ بىرى بولغان «تىيەنۋاڭ 64» ناملىق تور بەتنىڭ قۇرغۇچىسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇاڭ چى «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن رەسمىي قولغا ئېلىنغان.

خۇاڭ چىنىڭ بۇ تور بېتى 1989-يىلىدىكى قانلىق باستۇرۇلغان 4-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن «تيەنۋاڭ64» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ تور بېتىدە خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ زوراۋانلىقلىرى، يەر ماجىرالىرى قاتارلىق خىتايدىكى ئاخباراتلاردا يەر ئالمايدىغان خەۋەرلەرنى پاش قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ تورى مۇشۇ يىل 11-ئاينىڭ بېشىدا «چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» نىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن چېڭدۇ ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

چېڭدۇ ساقچى دائىرىلىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە رەسمىي ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، خۇاڭ چىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەتقىقاتچىسى پاترىك پۇن فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، خۇاڭ چىنىڭ خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ تەقدىرىگە ئېرىشكەنلىكى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق خۇاڭچىغا ئوخشايدىغان شەخسلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ شۇنداقلا يەنە ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ قېيىن-قىستاققا ئېلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن بېرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر مىسالى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.