«نيۇيورك ۋاقتى» قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
2016.01.19
ئىككى ھەپتىدىن بۇيان خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى خەلقئارادا ئەيىبلەشكە ئۇچراپ كەلمەكتە.
ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتى 19-يانۋار سەيشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىمۇ سەيشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ياكى قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىشى بىمەنىلىك» دەپ تەنقىد قىلدى.
18-يانۋار دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھەمدە ئاۋسترالىيە ۋە پاكىستاندىكى خەلقئارادا تەسىرگە ئىگە 20 نەپەر ئادۋوكات ۋە قانۇنشۇناسلار ئەنگلىيە «گۋاردىيان» گېزىتىدە بىرلەشمە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭدىن نۆۋەتتە تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان 10 نەچچە نەپەر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.









