خىتاي مۇخبىر بېيجىڭدىن خوڭكوڭغا كېتىۋاتقاندا «يوقاپ كەتكەن»
2016.03.17
ئەنگىلىيىدە نەشردىن چىقىدىغان «گاردىيان گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزىنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئىگە تېمىلىرى بىلەن تونۇلغان خىتاي ژۇرنالىست جيا جيا بېيجىڭدىن خوڭكوڭغا بېرىش جەريانىدا يوقاپ كەتكەن.
ئۇنىڭ ئايالىنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ئاخىرقى قېتىم سەيشەنبە كۈنى ئاخشام سائەت 8 دە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، بېيجىڭ ئايرودرومىدىكى تەكشۈرۈشتىن سالامەت ئۆتكەنلىكىنى ۋە ئايروپىلانغا چىقىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، شۇندىن كېيىن ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىش مۇمكىن بولمىغان.
جيا جيا ئەتىسى كۈنى چۈشتە خوڭكوڭدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان چۈشلۈك تاماققىمۇ قاتناشمىغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ سەپداشلىرى جيا جيانىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچى ئاۋازلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن جيا جيا سىياسىي جەھەتتىن ئاكتىپ مۇخبىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تىۋىتتېر تورىدا 84 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار ئىكەن. خوڭكوڭدىكى بىر قانچە كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى خوڭكوڭدىكى ئاخباراتلاردا ئېلان قىلغان بايانلىرىدا، جيا جيانىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن خىتايدىكى «ۋۇجيې خەۋەرلەر تورى» دا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىستىپاغا چاقىرىپ ئېلان قىلىنغان ئوچۇق خەت ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە جيا جيانىڭمۇ شى جىنپىڭنىڭ «چىشىغا تېگىپ قويغانلىق» تىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.









