چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدا خىزمەت قىلىشى ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا
2016.11.17
چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ تەقىب ۋە تەھدىتكە ئۇچراش ھادىسىلىرى كۆپەيگەن. گاردىيان گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا «خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى» بىر ستاتىستىكا دوكلاتى ئېلان قىلىپ، -2015يىلىدىن بۇيان چەتئەللىك مۇخبىرلارغا قارىتىلغان چەكلىمە ۋە تەقىبلەرنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا تۇيۇقسىز چاقىرتىلىش، ئۆيىگە ئادەم كېلىش، يۈزىنى توسۇۋالغان كىشىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراش قاتارلىق زوراۋانلىقلىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ بەرگەن كىشىلەردىن ئۆچ ئېلىۋاتقاچقا، كىشىلەر ئۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولۇپ قالغان. چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن ئىزچىل دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىس تەتقىقاتچىلارمۇ ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەيدىغان بولۇۋالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرىقىدەك خەۋەر مەنبەلىرىنى ئۆچ ئېلىش تەھدىتى ئارقىلىق جىمىقتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا «ياسالما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى» ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولۇۋالغان. ئۇنىڭدا مۇخبىرلار سوئاللىرىنى ئالدىن تاپشۇرىدىغان بولۇپ، پەقەت قوبۇل قىلىنغان سوئاللارلا نەق مەيداندا سورۇلىدىكەن. بىراق، نۇرغۇن چەتئەللىك مۇخبىرلار بۇنداق يىغىنلارغا قاتنىشىشنى خالىمايدىكەن.









