خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقات ساھەسىدىكى «داڭدار شەخس» كە ئايلانغان قۇربانجان سەمەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تارىخى يېزىلغان «بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ تارىخى» ناملىق كىتاب يېقىندا نەشر قىلىنىپ، خىتاي مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنماقتىكەن.
مەزكۇر كىتاب خىتاي يازغۇچىسى جاڭ چىنىڭ قەلەم تەۋرىتىشى، قۇربانجان سەمەتنىڭ ئۆز ئائىلە تارىخى ھەققىدە ھېكايە تەقدىم قىلىشى بىلەن يورۇقلۇققا چىققانلىقى مەلۇم بولماقتا.
كىتاب يازارى جاڭ چى مەزكۇر كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى ۋە كۇنمىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن مەن شۇنى بايقىدىمكى، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى خەنزۇلارنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى چۈشەنچىسى نۆل ھالەتتە قەپ قالغان. يەنى ئۇلارنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە بىلىدىغانلىرى 1950-يىللاردىكى ‹قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا كېلىشى› بىلەن ‹مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان›، ‹بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي› دېگەن ناخشىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئىچكى ئۆلكىلەردىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭلىق دېسە ماتاڭچى، يانچۇقچى، كاۋاپچى، تېررورچى دەپ ئويلايدىغان ھالەتكە كەلگەن. شۇڭا مەن بۇ كىتابتا قۇربانجان سەمەتنىڭ ئائىلە تارىخى ئارقىلىق شىنجاڭلىقلارنىڭ ئوبرازىنى قايتا تىكلەشنى مەقسەت قىلدىم.»
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يېقىندا بوشۈن تورىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، جاڭ چى ۋە قۇربانجان سەمەت ئاپتورلۇقىدىكى مەزكۇر كىتابنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن كەتمەن چاپقان ساختا ئەسەر ئىكەنلىكىنى پاش قىلدى.
