گۇاڭشى جۇاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ ليۇچېڭ ناھىيىسىدە چارشەنبە كۈنى ئۇدا 17 قېتىم زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يەتتە ئادەم ئۆلۈپ، ئون نەچچە ئادەم يارىلانغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر پارتلاشتا 51 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، 2 ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، پارتلاش چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن 3تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ۋە سائەت 5 تە يۈز بەرگەن. پارتلاش شۇ جايدىكى دوختۇرخانا، بازار، تۈرمە، ئاپتوبۇس بېكىتى ۋە بىر قانچە ھۆكۈمەت بىنالىرىدا يۈز بەرگەن ئىكەن.
بۇ ۋەقەنى خىتايدىكى «نەنگو سەھىرى گېزىتى» مۇ خەۋەر قىلغان بولۇپ، ليۇچېڭ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ئاھالىلارغا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان. ئۇقتۇرۇشتا پوچتىدىن كەلگەن خالتىلارنى ئاچماسلىق ئاگاھلاندۇرۇلغان.
ھازىر، پارتلاش سەۋەبى ۋە گۇماندارلار تەكشۈرىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتىدا ليۇچېڭ ناھىيىسى تەۋەسىدىن ۋېي فامىلىلىك بىر نەپەر 33 ياشلىق گۇماندارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، تەكشۈرۈلۈشى ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.
گۇاڭشى، جەنۇبىدىكى خىتايدىكى جۇاڭ مىللىتىنىڭ ئاپتونوم رايونى بولۇپ، مەزكۇر ئاپتونوم رايون ئاھالىسىنىڭ 62% نى خىتايلار، 32% نى جۇاڭ مىللىتى تەشكىل قىلىدۇ.
پارتلاش يۈز بەرگەن ليۇچېڭ ناھىيىسى ليۇجۇ شەھىرىگە قاراشلىق ناھىيە بولۇپ، گۇاڭشىدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت بازىسى ھېسابلىنىدىكەن.