خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ روھىي كېسەللىكلەر رايونى دەپ قارالدى
2016.05.19
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيادىكى روھىي كېسەللىكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي تەۋەسىدە ئىكەن، ئەمما بۇلاردىن ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىمارلارلا تېببىي ياردەمگە مۇيەسسەر بولالايدىكەن.
خىتاي گەرچە دۇنيادىكى روھىي كېسەللىكلەر ئەڭ كۆپ دۆلەت بولسىمۇ، ھازىر مۇمكىن بولغان روھىي كېسەللىكنى داۋالاش ئەسلىھەلىرى داۋالاش ئېھتىياجىنى قامداشتىن زور دەرىجىدە يىراق تۇرىدىكەن.
خىتايدىكى روھىي كېسەللىكلەرنىڭ ئاران ئالتە پىرسەنتى دوختۇرخانىلارغا كېلىپ داۋالىنىدىكەن ياكى دوختۇرغا كۆرۈنىدىكەن، قالغان مۇتلەق كۆپ قىسىم روھىي كېسەل بىمارلىرى دىئاگنوز قويۇش ياكى نورمال خەۋەر ئېلىش دېگەنلەردىنمۇ بەھرىمەن بولالمايدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، روھىي كېسەللىك ئۈچۈن ئاجرىتىلىدىغان خىراجەت خىتاينىڭ سەھىيە ۋە داۋالىنىش خامچوتىدا بىر پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، بۇ سان ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئون پىرسەنت ئەتراپىدا ئىكەن.
خىتاي بىلەن بىرلىكتە نامى تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەردىن يەنە ھىندىستانمۇ بار بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر نامراتلىق، جەمئىيەت تەرتىپىدىكى تۇراقسىزلىق ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئامىللار روھىي كېسەللىكلەر سانىنىڭ ئېشىپ مېڭىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، دەپ كۆرسەتمەكتە.









