ئامېرىكا خىتاينىڭ يېڭى چىقارغان تور بەلگىلىمىسىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.02.23

ئامېرىكا جۈمە كۈنى خىتاينىڭ يېڭى چىقارغان ئىنتېرنېت بەلگىلىمىسى چەتئەل شىركەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلغان. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينى «خەلقئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىغا ۋە سودا مۇلازىمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭغا ئاسانلىق يارىتىشقا چاقىرغان.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى يانۋاردا «تور بازىرىنى تازىلاش ۋە تورغا كىرىشنى قائىدىلەشتۈرۈش» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چەتئەل تورىغا كىرىشتە قوللىنىدىغان VPN قاتارلىق يۇمتاللارنى ئىشلىتىشكە يېڭى چەكلىمىلەرنى قويغان ۋە ئۇنىڭ بۇ يىل 31‏-مارتتىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ بەلگىلىمە بۇ يىل 31‏-مارتتىن باشلاپ ئىجرا قىلىنسىمۇ، لېكىن بۇ خىل چەكلىمىلەر خىتايدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئوخشاش سىياسىي ۋەزىيىتى سەزگۈر بەزى رايونلاردا بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.

دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر رايونىدا پۇقرالارنىڭ قول تېلېفونى ۋە كومپيۇتېرلىرىنى يەرلىك ساقچى پونكىتى ياكى ئاھالىلەر كومىتېتلىرىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈشى، ئۇنىڭغا نازارەت قىلىش يۇمتالى قاچىلىشىنى تەلەپ قىلغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا بۇ خىل يۇمتاللارنى قاچىلىغان نۇرغۇن ئۇيغۇر قولغا ئېلىنىپ، قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ VPN نى چەكلىشى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق خادىملىرىنىڭ خەلقئارا ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشى ۋە ياكى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى خېرىدارلىرىغا مۇلازىمەت قىلىشىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ VPN يۇمتاللىرىنى چەكلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا باج قويۇشنى قوللىدى. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمىس ماتتىس پەيشەنبە كۈنى: «بىز، ئادالەتسىز سودىدىن سىستېمىلىق پايدىلىنىپ، بىزنىڭ كەشپىياتچانلىقىمىز ۋە سانائەت ئاساسىمىزنى مەقسەتلىك ئاجىزلىتىش دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت، دەپ قارايمىز» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.