ئامېرىكادىكى «ئەركىنلىك سارىيى» تەييارلىغان «تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە قارىتىلغان كونتروللۇق» تېمىسىدىكى دوكلاتتا 2021-يىلىدىكى تور ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئەستايىدىل باھالانغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم مۇھىم تەنقىد ئوبيېكتى بولدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان كونتروللۇق تەدبىرلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىشى، بۇ خىلدىكى شىركەتلەر ئاپتوماتىك ھالدا توپلايدىغان خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە يوللاپ بېرىلىشى، تور بوشلۇقىدىكى سۈزگۈچ دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىشى، پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ھۆكۈمەت بېكىتىپ بېرىش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدىلا خىتاي ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىگەن.
دوكلاتتا «خىتاي نۆۋەتتە تور ئەركىنلىكى ساھەسىدىكى ئەڭ ناچار بولۇش رېكورتىنى ياراتقان دۆلەت» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان.
ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا خىتايدىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تورلاشقان نازارەت مېخانىزمى ۋە زور تۇتقۇنغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە بىۋاسىتە ياردەمدە بولغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار مەلۇم بولغانىدى.