خىتايدىكى سىنا، سوخۇ ۋە سۇمۇرغ قاتارلىق تور بەتلىرى تاقىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.07.25

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ دائىرىلىرى خىتايدىكى بىرقانچىلىغان چوڭ تىپتىكى تور بەتلىرىنى «سەزگۈر تېمىدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇرلارنى تارقاتقان» دېگەن سەۋەب بىلەن تاقىغان.

ئىگىلىنىشىچە، تاقالغان چوڭ تور بەتلەر ئىچىدە سىنا، سوخۇ، سۇمۇرغ قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇلار خىتايدا نەچچە يۈز مىليون ئوقۇرمەنلىرى بار بولغان شۇنداقلا ئەڭ سەزگۈر سىياسىي تېمىلاردا ئۇچۇر تارقىتىشقا جۈرئەت قىلغان ئاممىۋى تور بەتلىرى ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھازىرغا قەدەر بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.

خەلقئارا تاراتقۇلار بىلەن كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئاممىۋى تور بەتلىرىگە بولغان كونتروللۇقنى ھەددىدىن ئارتۇق كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بېيجىڭدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاخبارات فاكۇلتېتىدىكى نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر پروفېسسور بۇ ھەقتە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: «ھازىر ۋەزىيەت شۇ قەدەر قىيىنلاشتىكى، ئاخباراتچىلىق پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىنغان، چوڭقۇر تەكشۈرۈش ۋە ئەمەلىي پاكىتلارغا تايانغان ھەرقانداق بىر خەۋەر ياكى مۇلاھىزىنى يورۇقلۇققا چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى قالمىدى.»

مەلۇمكى، خىتايدىكى ئاخبارات قامىلىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىلىرى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت قاتارلىق سىياسىي جەھەتتىن ئەڭ سەزگۈر بولغان چېگرا رايونلاردا كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، رادىيومىز تېخى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 5 نەپەر تور بەت ساھىبى بىلەن تور يازغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.