خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتىشى ئۇقتۇرۇلغان
2016.01.19
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، قۇرۇلتاي ئىگىلىگەن مەلۇماتتا، «خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدىكى ۋە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتىش ۋە قايتقاندىن كېيىن ئۆز يۇرتلىرىدا تەسىس قىلىنغان ۋەتەنپەرۋەرلىك كۇرسىغا قاتنىشىش» تەشەببۇس قىلىنغان.
رادىئومىز خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە، ئوقۇغۇچىلار «ئۇلارغا مەكتەپ دائىرىلىرى سىنىپ تەربىيىچىلىرى ئارقىلىق ئاغزاكى ئۇقتۇرۇش قىلىپ، چاغان مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ يىللىق قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ تەتىلنى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشى تەشەببۇس قىلىنغانلىقى ۋە چاغان مەزگىلىدىكى پويىز قىستاڭچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، مەكتەپ ئالاقىلىشىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ۋاگونلارنى ئالاقىلىشىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقى» نى بىلدۈردى.
ئوقۇغۇچىلار يەنە يۇرتقا قايتقاندىن كېيىن، «ۋەتەنپەرۋەرلىك كۇرسى»غا قاتنىشىش مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە بۇلتۇر يازلىق تەتىلدە يۇرتلىرىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى مائارىپ ئىدارىسى ياكى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ ئۆزىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغانلىقى ۋە ئىختىيارىي ھالدا يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش تەربىيىسى» تەشۋىقاتى پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.









