تۇڭگان ئۆلىما خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي ئوقۇشىنى ئاشكارا چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى

ساقچى دائىرىلىرى چىقارغان «دىنىي مەكتەپلەرگە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلماسلىق ئۇقتۇرۇشى» بولغىنى ئۈچۈن، يۈننەندىكى ئىسلام دىنىي مەكتەپلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يوشۇرۇنچە قوبۇل قىلىدىغان.

يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىدىن يۈننەن ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، يۈننەندە تونۇلغان دىنىي ئۆلىما ما شىڭباۋ يەنى يۇنۇس ئەپەندى، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يۈننەن ئۆلكىسى ئىسلام دىنىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلىدە ساقچى دائىرىلىرى چىقارغان «دىنىي مەكتەپلەرگە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلماسلىق ئۇقتۇرۇشى» بولغىنى ئۈچۈن، يۈننەندىكى ئىسلام دىنىي مەكتەپلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يوشۇرۇنچە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسچىتلىرى ۋە بىر قىسىم شەخسلەر تەرىپىدىن ئېچىلغان بەزى ئىسلام دىنىي مەكتەپلىرىنىڭ بۇ سەۋەبتىن ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈش ھەتتا تاقىۋېتىلىش قىسمىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇنۇس ئەپەندى 2010-يىلدىن 2013-يىل 9-ئايغا قەدەر يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ گېجيۇ ۋىلايىتىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىئانە توپلىشى بىلەن ئېچىلغان، 1000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار شىدا ئىسلام دىنىي مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلىدىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، «مەزكۇر مەكتەپكە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن 7-8 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى يوشۇرۇن قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن مەزكۇر مەكتەپ دائىرىلەرنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نازارەت ۋە تەقىب قىلىش ھەتتا تۇتقۇن قىلىش، سوراق قىلىش، ئاخىرىدا يۈننەن ئۆلكىسىدىن قوغلىنىش قىسمىتىگە يولۇققانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇنۇس ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ۋاقىت 2-دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدىغانلىقى ۋە قوغلىنىدىغانلىقى، ھەتتا ھەر خىل تۆھمەتلەر ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىلەرگە تاشلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاتتى.