خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.05.11

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالاھىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم بولدى.

خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ئۇچۇردا بايان قىلىنىشىچە، بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي-ئىدىيەسى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي قىياپىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتى، ئوقۇش ئەھۋالى، گەپ سۆزى ۋە ئىش ھەرىكىتىنى تولۇق خاتىرىلەش، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىدا ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ سىياسىي-ئىدىيەۋى ئىپادىسىنى باھالاپ، خۇلاسە يېزىش، ئوقۇغۇچىلار بىلەن قەرەللىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى خاھىشىنى ئىگىلەپ تۇرۇش ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ ئارخىپىغا سېلىش تەلەپ قىلىنغان.

بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردا، خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسى بېيخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى رەتلەش، كۆلەملەشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ يېقىندا ئاخىرلاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىر خادىمى يېقىندا مۇخبىرىمىزغا مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشى بارلىقى، لېكىن ئۇنىڭ كونكرېت تەپسىلاتلىرىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بەزى مەلۇماتلاردا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئىچكىرىدىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ، مۇسۇلمان ئاشخانىلىرىدا تاماق يېيىشى چەكلەنگەن. بۇ ھەقتىكى غەيرىي رەسمىي بىر ئۇچۇردا، خىتايدىكى «مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ مۇكاپات تۈزۈمى يولغا قويغانلىقى، ئەھۋالنى مەلۇم قىلغانلارغا 2000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014‏-يىلدىن باشلاپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارەتنى تېخىمۇ قاتتىق كۈچەيتكەن. ھەرقانداق ئۇيغۇرغا ياتاق ياكى ئۆي ئىجارە بېرىشنى چەكلەپ، بەزى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇرلارنى ئۇچراتسا دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغان. لېكىن بۇ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولۇپ، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ تۈزۈمنىڭ «ئوچۇق ئاشكارا مىللىي كەمسىتىش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.