يېقىندا خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى نەنياڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئايجامال روزى، ئابدۇنۇر نۇرىللا، ئايشەم ئەكرەم قاتارلىق 4 نەپەر ئۇيغۇردىن ئاگاھ بولۇشنى، ئۇلارنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشكەن زامات دەرھال يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
رادىئومىز ئېرىشكەن ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۆتەيلەننىڭ 3 نەپىرى ئاقسۇ ئاۋاتلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى ئايال، بىرى ئەركەك، يەنە بىر نەپىرىنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقى مەلۇم ئەمەس، ئۇنىڭ كىملىكى داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتىكەن.
ساقچىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، ئۇلارنىڭ 3 نەپىرى ش ت ئى ھ نىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، يېقىندا چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇلارنىڭ 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر«رادىكال كۈچلىرى»نىڭ جىددىي تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئالغان ئامانلىق تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئېغىر بېسىم ھەم تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.
نەنياڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى 31-ئاۋغۇست تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا ئايجامال روزىغا 2012-يىلى قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى، ئايشەم ئەكرەمنىڭ خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن نۇقتىلىق شەخس، دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
