9 نەپەر ئۇيغۇر پۇتبول نوتىسى ئوقۇشسىز قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.10.14

خىتاينىڭ «خېڭشۈي پۇتبول كۇلۇبى»دا تەربىيەلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان 9 نەپەر ئۇيغۇر پۇتبول نوتىسىنىڭ نوپۇسىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، يۇرتىدا قايتا نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. نەتىجىدە، بۇ بالىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىش خەۋپى تۇغۇلغان.

ئۇيغۇر پۇتبول نوتىلىرىنىڭ تېرىنىرى پەيشەنبە كۈنى رادىيومىزنىڭ خىتاي بۆلۈمى مۇخبىرىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، «بۇ بالىلارنىڭ نوپۇسى خېڭشۈيگە يۆتكەپ ئاپىرىلدى. ئەمما شىنجاڭ تەرەپ ئۇلارنىڭ نوپۇسىنى قايتۇرۇپ ئاپىرىپ قايتا ئولتۇرغۇزۇشقا رۇخسەت قىلمىغاچقا، ئۇلار ئوقۇشسىز قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن.

خېبېي دۆلەت ئامانلىق ئورگانلىرى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، بۇ 9 بالىنىڭ «خېڭشۈي كۈچى پۇتبول كۇلۇبى»دا تەربىيىلىنىشى، ئوقۇشى ۋە نوپۇسىنى ئولتۇرغۇزۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغان ئىدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بالىلارنىڭ تېرىنىرى ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خېڭشۈي شەھەرلىك مىللىي-دىنىي ئىشلار ئىدارىسىگە ئەرز يازغان. مەزكۇر ئىدارىنىڭ بۇ يىل 8-‏سېنتەبىر تېرىنىرغا قايتۇرغان رەسمىي جاۋابىدا، بۇ ئىشقا دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئارىلاشقانلىقىنى، بۇ 9 بالىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت ئامانلىق ئورگانلىرى بۇ ئىشقا داۋاملىق توسقۇنلۇق قىلغان.

بۇ ۋەقە ئۆكتىچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئەنخۇيلۇق خىتاي ئۆكتىچى چېن لياڭچىڭ پەيشەنبە كۈنى رادىيومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، «بۇ خىل قاتتىق مۇداپىئە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئېھتىياجىدىن ھالقىپ كەتتى. بۇ چوقۇم ئۇيغۇرلاردا كەمسىتىلىش ۋە ھاقارەت قىلىنىش تۇيغۇسى قوزغاپ، مىللىي زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.