«دېلتا» ۋارىيانتى تۈپەيلىدىن شيامېن شەھرى تولۇق قامال قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.09.14

تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئەۋجىگە چىقىۋاتقان «دېلتا» ۋارىيانتى خىتاينىڭ شيامېن شەھرىدىكى ئون نەچچە كىشىدە بايقالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 13-سېنتەبىردىن باشلاپ پۈتكۈل شەھەرنى قامالغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان.

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شيامېن شەھرى خىتايدىكى كۆپلىگەن ئېلىكترونلۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنىڭ ماكانى ئىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشى تۈپەيلىدىن پۈتكۈل ئاھالىلار رايونى ۋە زاۋۇت رايونلىرى قامالغا ئېلىنغان. شۇنىڭدەك بارلىق مەكتەپلەر تاقالغان ھەمدە ئوقۇغۇچىلار توردىن دەرس ئاڭلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز ھازىر بۇ يېڭى ۋارىيانتنىڭ تارقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە قارارنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇق» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ يامرىشىدىن خالاس بولغاندىن كېيىنكى يېڭى بىر ئاپەتنىڭ باشلىنىشى ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل جىددي ئەھۋاللاردا ھەقىقىي ئەھۋالنى تاشقىي دۇنيادىن يوشۇرۇشتەك خاراكتېرى تۈپەيلىدىن شيامېن شەھرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەپسىلاتى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.