خوڭكوڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان بىر يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ COVID-19 چەكلىمىسىنى بىراقلا بىكار قىلىشى، خىتايدا بىر مىليون ئادەمنىڭ يۇقۇمدىن ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوكلاتتا يۇقۇمغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ۋاكسىنا ئەملەش ھەرىكىتى، شۇنداقلا ۋىرۇسنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشقا ئائىت باشقا تەدبىرلەر ئېلىنمىسا، يۇقۇم چەكلىمىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ھەر بىر مىليون ئادەمدىن 684 ئادەم ئۆلۈشى مۈمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 24-نويابىر ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىدىكى ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ بېسىمىدا، ئۆزلىرىنىڭ 100 نەچچە كۈندىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ يۇقۇمغا قارشى قامال سىياسىتىنى بوشاتقان.
«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايدا ھەر بىر مىليون ئادەمدىن 684 كىشىنىڭ يۇقۇمدىن ئۆلۈشى مۇمكىنلىكى، بۇنىڭ بىر مىليارد 410 مىليون نوپۇسى بولغان خىتايدا، 964 مىڭ 400 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان. تەتقىقات گۇرۇپپىسى دوكلاتتا: «بىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىمىز، پۈتۈن ئۆلكىلەردىكى يەرلىك سەھىيە سىستېمىسىنىڭ 2022-يىلى 12-ئايدىن 2023-يىلى 1-ئايغىچە قايتا قوزغالغان COVID-19 يۇقۇمدارلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە» دېگەن. لېكىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا يۇقۇمنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك تارقىلىشى ھۆكۈمەتنىڭ قامالنى بوشىتۇېتىشىدىن خېلى بۇرۇنلا باشلانغانىكەن.
بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەمەلدارى مايك رايىن، 14-دېكابىر «خىتايدا يۇقۇمدار بىمارلارنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىق كۆپىيىشى COVID-19 چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىدىن بولمىغانلىقى» نى، يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ خىتاي يۇقۇمغا قارشى قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىشتىن خېلى بۇرۇنلا «قويۇق يامرىغانلىقى» نى ئېيتقان. لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، رايوندا 9-دېكابىردىن بېرى كېسەللىك ئالامىتى بار يۇقۇمدارلار بايقالمىغان. دائىرىلەر 14-دېكابىردىن بېرى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلارنىڭ سانى توغرىسىدىمۇ ئۇچۇر بەرمىگەن.