ئامېرىكانىڭ ۋەنگارد مەبلەغ سېلىش شىركىتى خىتايدىن چېكىنىپ چىققان

ئامېرىكادىكى چوڭ مەبلەغ باشقۇرۇش شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ۋەنگارد گۇرۇھى شىركىتىنىڭ (Vanguard Group Inc) خىتايدىن چېكىنىپ چىقىش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن.

بلۇمبېرگ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ۋەنگارد گۇرۇھى شىركىتى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى 29 تىرىليون يۈەن (4 تىرىليون دوللار) قىممىتىدىكى ئورتاق مەبلەغ بازىرى ئىشخانىسىنى تاقىغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بلۇمبېرگقا ئېيتىشىچە، شىركەت شاڭخەيدىكى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى 10 خىزمەتچىسى بىلەن ئىشتىن بوشىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، ئىشخانا كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا تاقىلىپ بولىدىكەن. شىركەت بلۇمبېرگقا يوللىغان ئېلخېتىدە «ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى، ئەمما خىتايدىكى تەرەققىياتنى داۋاملىق نازارەت قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

بلۇمبېرگنىڭ دېيىشىچە، ۋەنگارد مەبلەغ باشقۇرۇش شىركىتى ئىلگىرى خىتايدىكى يوشۇرۇن كۈچنى كۆرۈپ خىتايغا مەبلەغ سالغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ خىتايدىن چېكىنىپ چىقماقتىكەن.

بۇ يىل 9-ئايدا ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ مەبلەغ باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش شىركىتى «قارا تاش» شىركىتى (BlackRock) خىتايغا سالغان مەبلىغىنى، يەنى پاي چېكى دەسمايىسىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، 10-ئايدا ئامېرىكانىڭ پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى مالۋېرن شىركىتىمۇ خىتايدىكى شىركەتلەردىكى %49 پېيىنى سېتىۋېتىپ خىتايدىن يېنىپ چىققانىدى.