خىتاي دائىرىلىرى بۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جەريانىدا دۇنياۋى ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ئاقلىدى ۋە خىتايدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ يەنە كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چارشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە توختالغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: «ئانتى تېررورلۇق قانۇنلىرىمىزنى كۈچەيتىش تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە توسۇش ۋە جازالاشتا، شۇنداقلا دۆلەت ۋە جەمئىيەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى دېكابىر «تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش قانۇنى» نى ماقۇللىغان ۋە ئۇنى بۇ يىل يانۋاردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە قىلغان ئىدى.
مەزكۇر قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاپ، خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇنىدىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىمۇ ئوخشاش مەزمۇندا خەت ئېلان قىلغان ئىدى.
ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى «تەھدىت» دەپ ھېس قىلىۋالغان قىلمىشلاردىن باشقا، ھەتتا تىنچ شەكىلدىكى نارازىلىقلارنىڭمۇ مەزكۇر قانۇندا «تېررورلۇق» دەپ شەرھلەنگەنلىكىدىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
ھالبۇكى، جاڭ دېجياڭ باياناتىدا غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىگە ئىزاھات بېرىشنىڭ ئورنىغا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سالمىقىنى يەنە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ مۇرەككەپ ۋە جىددىي ۋەزىيىتىدىن كېيىن، تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش خىتاي ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۇجۇم ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى دىنىي ئاشقۇن گۇرۇپپىلارغا باغلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدا 2014-يىلىدىن باشلاپ تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ۋە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ يولغا قويغان.
سەيشەنبە كۈنى يۇقىرىقى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ باش سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەنمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يەنە كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
