ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2017-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستىكى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ياشلارنى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، يەنە 4000 نەپەر ياشنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەربىيىلەشكە ئەۋەتىدىكەن.
تەڭرىتاغ تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ ياشلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى كارخانا ۋە ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا «تەربىيىلىنىش»كە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى ئاللىقاچان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى پۈتتۈرۈپ چىققان ياشلارنى يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاتالمىش «تەربىيە ئېلىش» قا ئەۋەتىشنىڭ بىھۇدىلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ سىياسەت پەقەت ياشلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش، بىھۇدە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرۇپ زېرىكتۈرۈش ھەم ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بۇ ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، دەيدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنى ئىچكىرىدە تەربىيىلەش 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، 2010-يىلىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە 4200 نەپەرگە يېقىن ئىشسىز ياش ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىكەن. ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتى بويىچىمۇ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ياشلارنىمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكەشنى داۋام قىلماقتا.