ئۇيغۇر گۆدەكلىرىگە خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈش جىددىي كېڭەيمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ قارانچۇقسىز قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. يېقىندا ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشنىڭ جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغاشقا باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، لوپ ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر «تەكلىماكاندىكى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە» دە بولۇشىغا قارىماستىن خىتايچە چاڭچىلە ئۆگىنىشنى ئومۇملاشتۇرغان. خىتاي دائىرىلىرى «مائارىپنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم قەدىمى» دەپ تەرىپلەۋاتقان بۇ ئىستراتېگىيەگە بىنائەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى چاڭچىلە، خىتايچە ھۆسنخەت يېزىش، ياڭگېر ئۇسسۇلى ئويناش، ‹ئۈچ خەتلىك دەستۇر›نى يادلاش، خىتاينىڭ تاڭ ۋە سوڭ دەۋر نەزملىرىنى يادلاش قاتارلىقلارغا تەشكىللىمەكتە ئىكەن.

ئۇلار بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «بىزنىڭ چاڭچىلىنى لوپ ناھىيەسىگە ئېلىپ كېلىشىمىز مول مەزمۇنلۇق بۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تاتقۇزۇشنى نىشان قىلغان» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنخۇي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» شەھەرلىرى لوپ ناھىيەسى بىلەن توختام تۈزۈپ، يېقىن كەلگۈسىدە چاڭچىلە ئۆگىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ «مۇتەخەسسىسلەر» نى ئەۋەتىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىدىمۇ خوتەن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە مۇشۇ خىلدىكى خىتاي مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئومۇملىشىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.