خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نامىدا ئۇيغۇرلارنى ئېزىۋاتقانلىقى تەنقىدلەنمەكتە

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارادىكى چوڭ تېمىلاردىن بولۇۋاتقاندا بۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان «ھەقسىز ئەمگەك» مەسىلىسىنى بىر قىسىم ئانالىزچىلار «ئۇيغۇرلارنى ئەزگەنلىك» دەپ تەنقىدلىدى. خوڭكوڭلۇق مۇستەقىل يازغۇچى ليۇك خانت ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك ماقالىدا مۇشۇ مەسىلە نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ماقالە ئاپتورى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىر قىسىم جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ لاگېرلارغا قوشنا سېلىنغان زاۋۇتلاردا تولىمۇ ئەرزان باھادا ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئورنىتىش ئارقىلىق ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش» ھەققىدە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە «ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى» پاش قىلىنىدۇ.

ئاپتور نۆۋەتتە مەلۇم بولغان بىر قىسىم مەلۇماتلار، جۈملىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى دەلىللىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە قازاق شاھىتلارنىڭ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنى ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى ئورنىدا ئىشلىتىش ئەھۋالىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇ ھالنىڭ ئۇلارغا بېرىلگەن مىللىي كىملىكتىن ۋاز كېچىش ۋە ئىدىيەۋى چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىشتەك سىياسىي جازانىڭ بىر قىسمى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. شۇنىڭدەك لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاغدەك پاكىتلار ئالدىدا لاگېرلارنى «تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ ئاقلىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

ئاپتور بۇ مەسىلىگە مىسال قىلىپ خوتەندىكى «تەيدا شىركىتى» نىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى «ھەقسىز ئەمگەك» ئارقىلىق ئېزىش بەدىلىگە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا بازىرىدا ساتماقچى بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەھۋالنىمۇ ئىنكار قىلغانلىقىنى، ئەمما «تەيدا شىركىتى» نىڭ دىرېكتورى ۋۇ خوڭبونىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا سۆز قىلغاندا مۇشۇ خىلدىكى لاگېرلار تەمىن ئەتكەن ئەمگەك كۈچىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ماختىنىپ سۆزلىگەنلىكىنى ئالاھىدە قەيت قىلىدۇ.

ئاپتور لاگېرلار ھەققىدىكى ئومۇمىي ئەھۋاللار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى دۇنياغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ھەققىدىكى شوئارنى دەسمى قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى سېلىشتۇرغان ھالدا خىتاينىڭ يەنە بىر قېتىم زور ئالدامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل «ھۆكۈمەت باش رول ئالغان» ئالدامچىلىقنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنى قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىنمۇ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بايان قىلىپ كېلىپ: «ئۇيغۇرلارنىڭ باشلامچىلىرى ئاللىقاچان خىتاينىڭ بۇ سىياسەتلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئاپىرىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان» دەيدۇ. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا مەھكۇم بولۇشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ پولشادىكى جازا لاگېرلىرىدا يەھۇدىيلارنى ئەمگەككە سېلىشىغا ئوخشىتىدۇ. شۇنىڭدەك شۇ ۋاقىتتىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا «ئەمگەك سىزنى ھۆرلۈككە باشلايدۇ!» دېگەن خەتلەر ئېسىلغان چوڭ لوزۇنكىلار ئېسىلغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.