موسكۋا بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى «خىتايلاشتۇرۇشى» دىن ئەنسىرىمەكتە

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-11-18
Share

جېمىستوۋن فوندىنىڭ 18-نويابىر «ياۋرو-ئاسىيا كۈندىلىك نازارەتچىسى» سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، بېيجىڭنىڭ «يۇمشاق كۈچ» ئىشلىتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي كاۋكاز دۆلەتلىرىدىكى مەدەنىيەتنى «خىتايلاشتۇرۇۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەرەققىياتىغا ئىزچىل دىققەت كېلىپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. رۇسىيە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينىڭ غەربكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىغان.

ئەمما موسكۋا خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيادىكى ھەرىكىتىنىڭ روسىيەگە قارىتا تەھدىتكە ئايلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلار مۇنداق دەپ قارىغان: «بېيجىڭنىڭ ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› پروگراممىسىنىڭ رايوندا كېڭىيىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇشى كېرەك.»

روسىيەدىكى تەتقىقاتچىلار كەلگۈسىدە ھەر قانداق بىر رايوندا تەسىر كۈچنى ساقلاپ قىلىشتا سودا ياكى ھەربىي ھەرىكەتتىن باشقا، مەدەنىيەت تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدۇ، دەپ قاراشماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت