خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «جوڭخۇا ئەخلاقى» نى بازارغا سېلىشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-11-26
Share

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى تۈپەيلىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەۋاتقان بۇ مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوقتىشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار سىياسەتلىرىنى داۋاملىق يۈرگۈزمەكتىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرېتارى چىن چۇەنگو، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۇيغۇر رايونىدىن «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىسى» بولۇپ تاللانغان نامزاتلار بىلەن كۆرۈشكەن. چىن چۇەنگو ئۇلارغا سۆز قىلىپ: «خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش، ‹جۇڭخۇا مىللىتى› ئورتاق ئېڭىنى تۇرغۇزۇش، شۇنداقلا پارتىيەگە سادىق بولۇش» نى تەلەپ قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە ئاتالمىش «جوڭخۇا مىللىتى» كىملىكىنى تۇرغۇزۇشنى، خىتاينىڭ «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىسى» بولۇشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «جوڭخۇا مەدەنىيىتى» نى «گۈزەل ئەخلاق» نىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە كەڭ كۆلەمدە تەرغىپ قىلىشقا باشلىغان، شۇنداقلا ئۇنى رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي ئەخلاق سىستېمىسى ۋە ئۆزىگە خاس قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىن ئالدىنقى يىلى «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىسى» بولۇپ باھالانغان شەخسلەر ئىچىدە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى قىزىل ئاكتىپ قۇربان نىيازمۇ بار ئىدى. ئۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي تىلى ۋە خىتاي ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلەيدىغان ئاتالمىش «دۆلەت تىلى مەكتىپى» ئېچىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن يانتاياق بولغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر رايونىدىن بۇ يىللىق خىتاينىڭ «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىسى» تىزىملىكىگە تاللانغان نامزاتلارنىڭ قىزىل ئاكتىپ قۇربان نىياز تىپىدىكى كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت