نىككى خېيلېي خىتاينى چەكلەش مۇراجىئەتنامىسى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.05.05

ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى چولپانلاردىن بىرى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ب د ت تا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى نىككى خېيلى خانىم يېقىندا «خىتاي كومپارتىيەسىنى توسايلى» ناملىق تور مۇراجىئەتنامىسى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر تور بەتتىكى مۇراجىئەتنامىدە ئېيتىلىشىچە، نىككى خانىم خىتاي كومپارتىيەسىنى «ئامېرىكا تۇپرىقى ئۈچۈن بىرىنچى نومۇرلۇق تەھدىت» دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە ئامېرىكادىكى ھەر ساھە خەلقىنىڭ دىققىتىنى بۇ مۇھىم مەسىلىگە بۇراشنى ئارزۇ قىلغان. شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە ئەھمىيەتسىز سۆز قىلىشتىن ئەھمىيەتلىك بولغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇراجىئەتنامىگە ھەرقانداق كىشى ئىمزا قويسا بولىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بارلىق ئەزالارغا بۇ مۇراجىئەتنامىگە قول قويۇش چاقىرىقى ئېلان قىلىنغان. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋىرۇس مەسىلىسىدە قانداق رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇۋاتقانلارنىڭ سانى تېزدىن ئاشماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.