خىتاينى چەكلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدىكى چۇقانلار كۈچەيمەكتە

خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي قۇۋۋەت ساھىبى بولۇپ قېلىشى بىلەن ئۇنىڭغا قارىتا قانداق ئىستراتېگىيە قوللىنىش مەسىلىسى يېڭىۋاشتىن ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەربابلىرى باش قاتۇرۇۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ قالغان. «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان فرانسىس سېمپانىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق رەقىبى بولۇپ قالغىنىدەك ھازىر ئامېرىكىغا ئەڭ ئاساسلىق رەقىب بولۇۋاتقانلىقى، ئەمما بۇ رەقىبنى مەغلۇپ قىلىشنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

ۋىلكىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پەنلىرى پروفېسسورى، سىياسىي ئانالىزچى فرانسىس سېمپا بۇ ھەقتە گەپ بولغاندا بۇنىڭ «سوغۇق ئۇرۇش» دەۋرىدىن باشلاپلا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بوز (چوڭ بوز) زامانىسىدا بوز ھۆكۈمىتى يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ ئامېرىكىغا رەقىب بولىدىغان دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسۇپ قالماقچى بولغان. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنكى قولتۇق ئۇرۇشىدا ساددام ھۈسەيىن بىلەن ئېلىشىش، بالقاندىكى سېربلارنىڭ ئىشى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەل-قائىدە ۋە تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش دېگەنلەر بىلەن بولۇپ كېتىپ خىتايغا دىققەت قىلىش بىر ياققا تاشلىنىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن 21-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە خىتاي قانات-قۇيرۇقىنى تۈزەپ رەسمىي ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق رەقىبى بولۇپ شەكىللەنگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، زور دۆلەت دەرىجىسىگە يەتكەندىن كېيىن خىتاينىڭ زور دۆلەتلەر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى بۇنىڭ ئەكسىچە يولدا مېڭىشى ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ماۋ زېدوڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان دەۋرلەردىلا «يۈز يىللىق نومۇسنى يۇيۇش» شوئارى ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، خىتاي دۆلىتى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ۋۇجۇدقا كەلگەن يېڭى بىر ئىمپېرىيە سۈپىتىدە باش كۆتۈرگەن. ئەمما بۇ ۋاقىتتا ساددا غەرب سىياسىيونلىرى كوممۇنىستلارنى «دېموكراتىك دېھقان ئىسلاھاتچىلار» دەپ چۈشەنگەن. شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدە خىتاي ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشىدىكى بىر مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولۇپ قالغان.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، «سوغۇق ئۇرۇش» تىن كېيىن خىتاي دېڭ شياۋپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىقتىسادىي ساھەنى ئىسلاھ قىلغان. ئەمما سىياسىي تۈزۈلمىنى قىلچە ئۆزگەرتمىگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتايدىن «ئىككىنچى گۇرباچېۋ» چىقمىغان. ئىقتىسادىي ساھەدە باش كۆتۈرگەندىن كېيىن خىتاي سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن باش كۆتۈرۈش يولىغا ماڭغان. بۇنىڭ بىلەن ھازىر ھەممىلا كىشىنىڭ خەۋىرى بولغان «خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى زومىگەرلىكى» ئۇنىڭ ھەربىي قارا نىيىتىگە، «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» بولسا ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىشتەك ئەندىزە ھاسىل بولغان. شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىمۇ بۇنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ يۈرمىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خورىكى ئۆسۈپ، ھازىرقى كۈندە ئامېرىكىغا شىلتىڭ ئېتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. شۇڭا خىتاينى چەكلەشنىڭ بارلىق شەرتلىرى تولۇق پىشىپ يېتىلگەن.

ئاپتور بۇ ھەقتە توختىلىپ: «چەكلەش دېگەندە بۇ يالغۇز ئۇرۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. گەرچە زور دۆلەتلەرنىڭ رىقابىتى ھەرقاچان ئۇرۇشقا ئېلىپ بارسىمۇ» دەيدۇ ھەمدە ھازىرقى قەدەمدە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ياپونىيە ۋە ھىندىستان ئارقىلىق بۇنى قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنداقلا ئامېرىكا ئۈچۈن رەقىب بولۇۋاتقان خىتاينى چەكلەشنىڭ ئۇنچىلىك قىيىنمۇ ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.