ئەخمەت ئىگەمبەردى: مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى: خاتا ئارمىيەنى قارشى ئېلىش (20)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار تەييارلىدى
2023.10.05
«شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنىپ» ئۇيغۇرلار خۇشاللىق بىلەن خىتاي كومپارتىيە قوشۇنىنى قارشى ئالغانمۇ؟ خىتاي كومپارتىيە قوشۇنى ئۈرۈمچىگە كىرگەن كۈنىدىكى كۆرۈنۈش. 1949-يىلى 20-ئۆكتەبىر.
public domain

بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دۆلىتى-خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى خاتىرە كۈنى شۇنىڭدەك 10-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاي كوممۇنىست قوشۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ھەربىي يۈرۈشنى باشلىغان كۈنى. دېمەك، ئەنە شۇ 12-ئۆكتەبىردىن باشلاپ تاكى 1950-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىغىچە 190 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي قوشۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىنى ئىگىلىدى. ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 87 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى ھەققىدىكى ئاغزاكى تارىخىي بايانلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق قىسمىدا ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ ئىشغالىيەتكە شاھىت بولغان كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلدى. ئەخمەت ئىگەمبەردى 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى خىتاي كوممۇنىست قوشۇنلىرىنىڭ بىر تانكا-بىرونېۋىك باتاليونىنىڭ ئۈرۈمچىگە شەھىرىگە كىرىشىدىن باشلانغان ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنىدى.

ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، تاۋ سىيۆ ۋە بۇرھان شەھىدى باشلىق گومىنداڭ ھەربىي-مەمۇرىي باشلىقلىرى 1949-يىلى 25-سېنتەبىر كۈنى كومپارتىيەگە تەسلىم بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن خىتاي كوممۇنىست قوشۇنلىرى كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىشنى باشلىغان. 20-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇنىڭ ئالدىن يۈرەر قوشۇنلىرى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندە، بۇرھان شەھىدى ۋە تاۋ سىيۆ قاتارلىقلار ئۇلارنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلانبايغا چىقارغان.

 ئەخمەت ئىگەمبەردى ئوقۇۋاتقان ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك 2-دائىرىلمۇئەللىمىن ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئۇلانبايغا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇلارغا «ئازادلىق ئارمىيەنى قارشى ئالىسىلەر» دەپ ئۇقتۇرۇلغان. بۇ ئوقۇغۇچىلار، مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇر ئاممىسى ۋە كۆپ ساندىكى خىتايلار ئۇلانبايغا يېتىپ كېلىپ كۈتۈپ تۇرغاندا ئۇلارنىڭ ئالدىغا تانكا-بىرونېۋىكلاردا ئولتۇرغان، پۈتۈنلەي خىتاي ئەسكەرلىرى كېلىشكە باشلىغاندا ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار غۇلغۇلا قىلىشقان، چۈنكى ئۇلار «ئازادلىق ئارمىيە» دېگەننىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى كېلىدۇ، شۇلارنى قارشى ئالىمىز دەپ ئويلىغانىكەن. ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار ئەگەر مىللىي ئارمىيە كەلسە نېمىشقا شىمال تەرەپكە چىقماي، جەنۇب تەرەپتىكى ئۇلانبايغا چىقىمىز دەپ ھەيران قېلىشقان. مەزكۇر خىتاي ئەسكەرلىرىنى قارشى ئېلىشقا چىققان خىتايلار گۈللەرنى تەقدىم قىلىپ، زور ھاياجان ۋە خۇشاللىق بىلەن داغدۇغا قىلىشقان، ئۇلار بەك خۇشال بولۇشقان، ئەمما ئۇيغۇرلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ قارشى ئالغانلىرىنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان ماناس دەرياسى بويىدا تۇرۇۋاتقان مىللىي ئارمىيە ئەمەس، بەلكى ئوخشاشلا خىتاي ئەسكەرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۈمىدسىزلەنگەن. بەزىلەر ئازادلىق ئارمىيە دېگەننىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي خىتايلاردىن تۈزۈلگەن كوممۇنىست ئارمىيەسى ئىكەنلىكىنى شۇ يەردە چۈشەنگەن. ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ئەسلىشىچە، نەق مەيداندىكى بەزى ئۇيغۇرلار «ئاق ئىت، قارا ئىت ھەممىسى ئوخشاش بىر ئىت» ، «بىزنى ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ئازاد قىلماستىن يەنە شۇ باشقا بىر خىل خىتاي قوشۇنى ئىگىلەپتۇ» دېيىشكەن. ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىن تەشۋىق قىلغاندەك، ئۇيغۇرلار ھېچقاچان خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنى داقا-دۇمباقلارنى چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ قارشى ئالغان ئەمەس، بۇ بىر ساختا تەشۋىقاتتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنى ئەنە شۇنداق قارشى ئالغانلار خىتاي ئاممىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، گەرچە ھۆكۈمەت بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىمۇ بۇ قارشى ئېلىشقا مەجبۇرىي بۇيرۇق شەكلىدە تەشكىللەپ بەزىلەرنى سازلىرىنى چېلىشقا، سوۋغىلارنى تەقدىم قىلىشىغا ئۇيۇشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلالمايتتى.

ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي كوممۇنىست قوشۇنلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۈرۈمچىگە پىيادە كېلىپ ئورۇنلاشقان بولۇپ، خىتاي ئاھالىلىرى قاينام-تاشقىنلىققا ۋە خۇشاللىققا چۆمۈشكەن، ئەمما ئۇيغۇرلارنى غەم باسقان. لېكىن خىتاي ئەسكەرلىرى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ ھەممە يەردە كوچا-كويلارنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلا-ئاراملىرىنى تازىلاپ، قېرىلارنىڭ سۇلىرىنى توشۇپ، ئوتۇنلىرىنى يېرىپ بېرىپ، ھەممە يەردە ئۆزلىرىنى «خەلقنىڭ قوشۇنى» دەپ كۆرسىتىشكەن. بۇلارنى كۆرگەن ئاۋام ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى «بۇلار گومىنداڭ خىتايلىرىدىن پەرقلىق ياخشى خىتايلار ئىكەن» ، «كوممۇنىست خىتايلار ياخشى ئىكەن» دېيىشكەن. ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ئەسلىشىچە، ھەتتا ۋاڭ جىن قاتارلىق خىتاي كوممۇنىست باشلىقلىرى «بىز سىلەرگە ياردەم بېرىشكە كەلدۇق، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلۇمىدىن ئازاد قىلىشقا كەلدۇق» ، «بىز گومىنداڭچىلارنى تولۇق تازىلاپ بولۇپ، ھەممە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ چىقىپ كېتىمىز، ھەممە ھوقۇق سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولىدۇ، ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار باشقۇرىسىلەر» دەپ سۆزلەپ ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدلەندۈرگەن. ئەمما، ئىش ئۇلار دېگەندەك بولماستىن، ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن باستۇرۇش ۋە جازالاشلىرى باشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.