تاغ-كان ئىنژېنېرىنىڭ تۆھپىسى_ئۇيغۇر تارىخ ۋە مەدەنىيەت قامۇسى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار تەييارلىدى
2025.01.30
abdulla-samsaqof-1024 تاغ-كان ئىنژېنېرلىقى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىس، پىروفېسسور ئابدۇللاجان سامساقوف ۋە ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلار: ئېنسىكلوپېدىيەلىك مەلۇماتلار» ناملىق ئەسىرى
Photo: RFA

 ئۆزى تاغ-كان ئىنژېنېرلىقى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىس، پىروفېسسور بولسىمۇ، لېكىن ھاياتىنىڭ يەنە بىر زور قىسمىنى ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، ئومۇمەن ئۇيغۇر خەلقىنى تەتقىق قىلىش، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك مەلۇماتلارنى توپلاش، رەتلەش ۋە بۇلارنى رۇس تىلىدا نەشر قىلىپ، بۇ مەلۇماتلارنى رۇس ۋە باشقا خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇشتىكى كۆرۈنەرلىك تۆھپىكار ئابدۇللاجان سامساقوف ئەپەندى ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ئىجاد قىلماقتا. قازاقىستاندىكى ئېنسىكلوپېدىيە ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىدىغان «ئارىس» نەشرىياتى تەرىپىدىن رۇس تىلىدا تارقىتىلغان 620 بەتلىك «ئۇيغۇرلار: ئېنسىكلوپېدىيەلىك مەلۇماتلار» ئۇنىڭ نوپۇزلۇق ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئېنسىكلوپېدىيەگە 600 دىن ئارتۇق تارىخىي ۋە بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئۆمۈر بايانىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات-سەنئىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە باشقا 10 نەچچە خىل ساھەگە ئائىت 400 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ %80 تىن كۆپرەكى بىۋاسىتە ئاپتورنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپتۇر. بۇ، ئۇيغۇر قامۇسچىلىقىدىكى ئىلمىيلىكى يۇقىرى ۋە مەزمۇنى بولغان بولغان قىممەتلىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

ئابدۇللاجان سامساقوف 1948-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى ئەينى ۋاقىتتىكى «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئابدۇرۇسۇل ھەمدۇللا سامساقى ئىدى. ئۇلار 1959-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتاغا يەرلەشكەن. ئۈرۈمچىدە 4-سىنىپقىچە ئۇيغۇرچە مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن ئابدۇللاجان كېيىنكى بارلىق مائارىپ تەربىيەسىنى ئالمۇتا ۋە تاشكەنتلەردە رۇس تىلىدا ئالدى. ئۇ ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ھەربىي كافېدرادا ھەربىي تەربىيەمۇ ئېلىپ، سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ لېتىنانتى دەرىجىسىدە رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە باشقا جايلاردىكى سوۋېت تانكا قوشۇنلىرىدا ئىزۋوت ۋە روتىلارغا كوماندىرلىق قىلدى.

 تاغ-كان ئىنژېنېرى كەسپى بويىچە مۇتەخەسسىس ئابدۇللاجان سامساقوف 1970-1990-يىللاردا موسكۋا، تاشكەنت، ئالمۇتالاردىكى تاغ-كان، ھىدرولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى لايىھەلەش ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلدى ھەتتا 1980-يىللاردا سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن موڭغۇلىيەگە ئەۋەتىلىپ، 5 يىل ئۇ يەردە لايىھەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. مانا شۇ موڭغۇلىيەدىكى ئۈچ يىل جەريانىدا ئۇ قەدىمى ئۇيغۇر ۋە قەدىمكى تۈركلەر تارىخىغا ئائىت تاش ئابىدىلەرنى ۋە باشقا نۇرغۇن يادىكارلىقلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىش بىردىنلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇ، توختىماي ئىزدىنىپ ھەر تۈرلۈك تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ۋە ئۆگىنىپ كېيىنكى ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىشقا كىرىشكەن.

 ئابدۇللاجان سامساقوف ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ كۆپ قېتىم زىيارەتلەردە بولغان، بولۇپمۇ ئۇ تۇرپان كارىزلىرى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان.

 ئۇ، توختىماي ماتېرىيال توپلاش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق 2005-يىلى رۇس تىلىدا «20-ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار» ناملىق ئەسىرىنى بېسىپ تارقاتتى. بۇنىڭدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئالىمى ۋە باشقا مەشھۇر ئەربابلارنىڭ تەرجىمىھالى ئورۇن ئالدى. ئاپتورنىڭ قەلىمى بىلەن يەنە «بايانچۇر» تارىخى دىرامىسى يېزىلىپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى تەرىپىدىن كۆپ يىللار ئوينالدى. ئۇيغۇر دىراما تارىخىدىكى مەزكۇر مۇھىم ئەسەر 8-ئەسىردە ئۇيغۇر قالغانلىقىنى قۇرغان مويۇنچۇر، يەنى بايانچۇر قاغاننىڭ ھاياتىغا ئائىتتۇر.

 ئابدۇللاجان سامساقوف ئەپەندىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ «تۇرپاندىن ئالمۇتاغىچە» (2017)، «ئۆتۈپ بارىدۇ ئەزىز ئاكىلار» (2014)، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان «قەھرىمان ئەلنىڭ قەيسەر ئوغلانى» (2023) قاتارلىق كىتابلار رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.