شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپىدىن مۇساپىرلىققا(1)
2025.02.27

ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى. ئۇ، ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مەزكۇر ھاكىمىيەت رەھبەرلىرى قاتارىدىكى بىر شەخس ئىدى. لېكىن، 1949-يىلى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۇ ۋە ئۇنىڭ مىڭلىغان سەپداشلىرىنى مۇشەققەتلىك ۋە مۇساپىرلىق ھايات يوللىرىدا مېڭىشقا ئېلىپ كەلدى. ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ 1963-يىلىدىن كېيىنكى 42 يىللىق ھاياتى ئالمۇتا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرىنى ئالمۇتادىكى 78 ياشلىق ئوغلى، جامائەت ئەربابى ئازتېكىن ئىبراھىمى بايان قىلدى.
1914-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرلىرىنى غۇلجىدا مەسئۇد سابىرى ئاچقان مەكتەپلەردە ئوقۇش، بوغالتىرلىق كەسپى ئۆگىنىپ، بۇ ساھەدە تونۇلۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسا، 1944-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئەلىخان تۆرە قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە «ئازادلىق تەشكىلاتى» نى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا تەييارلىق قىلدى. 1944-يىلى 7-نويابىردا باشلانغان غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتناشتى ۋە 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا ھۆكۈمەت باش كاتىپى بولدى.
ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم 1947-1949-يىللىرى ھۆكۈمەتنىڭ بانكا ۋە باشقا ساھەلىرىدە خىزمەت قىلدى، 1950-يىللاردا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تۈرلۈك جازالاشلارغا ئۇچراپ، 1963-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ كەتتى ۋە 2005-يىلى ۋاپات بولدى. ئەسلىدىكى جۇمھۇرىيەت باش كاتىپى، يەنى دۆلەت رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان كىشىنىڭ كېيىنكى ھايات قىسمەتلىرى چەت ئەلدە مۇساپىرلىق، ۋەتەنسىزلىك، ۋەتەن سېغىنىشى ئىچىدە جاپالىق ئەمگەك قىلىش بىلەن ئۆتكەنىدى.
سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.