1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ نامى_شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى
2024.11.14
2024-يىلى 12-نويابىر كۈنى 1944-يىلى 12-نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە دەل 80 يىل توشتى. شۇنى ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىش مۇمكىنكى، ئۇيغۇرلار 1930-ۋە 1940-يىللاردا ئىككى قېتىم خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى قوزغىلىپ، ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولۇپ، ئۆزلىرى قۇرغان بۇ مۇستەقىل ھاكىمىيەت، يەنى دۆلەتكە ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك نامى بولغان «شەرقىي تۈركىستان» نى قوللىنىش بىلەن بىرگە يەنە بۇ ھاكىمىيەتلەرنىڭ دۇنياۋى جۇمھۇرىيەتچىلىك دۆلەتچىلىك ئۇسسۇلى بويىچە قۇرۇلغان سىياسىي خاراكتېرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا جۇمھۇرىيەت نامىنى بىرلەشتۈرگەنىدى. ئۇيغۇرلار 1933-يىلىدىكى جۇمھۇرىيىتىنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىدى. بۇ يىل ئۇنىڭغا 91 يىل توشتى.
1944-يىلىدىكى جۇمھۇرىيەت نامىنى قانداق بېكىتىش تاسادىپىي ياكى تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس، بەلكى بۇ مەسىلىدە ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئارىسىدا مۇزاكىرىلەر بولغان، بولۇپمۇ غۇلجىدىكى ئاشۇ قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان يادرولۇق تەشكىلات «ئازادلىق تەشكىلاتى» 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى بۇ جۇمھۇرىيەتنى ئېلان قىلىش ھارپىسىدا كۆپ قېتىم مۇزاكىرىلەر ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان. 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى غۇلجا شەھىرىدە رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان چاغدىكى 16 نەپەر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئەزاسىنىڭ بىرى، ھۆكۈمەت باش كاتىپى بولغان مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ 2004-يىلى ھايات ۋاقتىدا سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇلار بۇرۇنلا ئۆزلىرىنىڭ قۇرىدىغان دۆلەت نامى ھەققىدە كۆپ قېتىم مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان. مۇزاكىرىدە بىردەك ھالدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتاش قارارلاشتۇرۇلغان. دۆلەت نامى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججەتلىرى، قارار-بۇيرۇقلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق قوللىنىلغان نام «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» بولۇپ، بەزىدە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى»، ھەتتا «شەرقىي تۈركىستان خەلق جۇمھۇرىيىتى»، «ئازاد شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»، «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى»، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھۆكۈمىتى» دېگەن ناملارمۇ ئىشلىتىلگەن. مانا بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىگە رەئىس ئەلىخان تۆرە، مۇئاۋىن رەئىس ھاكىمبەگ غوجا، باش كاتىپ ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى، بەزىدە ئەخمەتجان قاسىمى ئىمزا قويغان.
1945-يىلى 5-يانۋار كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ 4-سانلىق يىغىنىدا 9 ماددىلىق مۇستەقىللىق خىتابنامىسى تەستىقلىنىپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىتابنامىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلق جۇمھۇرىيىتى دېگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلگەن. يەنى بۇ، «شەرقىي تۈركىستان خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» دەپ ئاتالغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1945-يىلى 13-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىمۇ «ئازاد شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى مەجمۇئەسى» دەپ ئاتالغان. جىنايى ئىشلار قانۇننىڭ ئىچىدىكى ماددىلاردىمۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئاتالغۇسى قوللىنىلغان.
بۇ ھەقتىكى تولۇق تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ