ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇلۇت ھېسابلاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىنىمۇ چەكلەشنى ئويلاشماقتا

ئامېرىكا ‍ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئامېرىكا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ئۇنىڭ ھەربىي تەرەققىياتىغا ئىشلىتىشىگە چەكلىمە قويغاندىن كېيىن، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئامېرىكا بۇلۇت ھېسابلاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىنى چەكلەشنىمۇ ئويلاشماقتىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ‍ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى خىتايغا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدا ئىشلىتىلىدىغان ئىلغار تىپلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ‍ئۆزەكلىرىنى ئېكسپورت قىلىشقا قاتتىق چەكلىمە قويغان. لېكىن «نىكىي ئاسىيا» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسىدىنمۇ پايدىلىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا خىتاي ھەربىي سىستېمىسىمۇ داخىل بولغان، دەپ قارىماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى ئالان ئېستېۋېز، 21-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى توكيودا «نىكىي ئاسىيا» غا قىلغان سۆزىدە، «بىز بۇنى كونترول قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز. لېكىن بۇ سانائەت ساھەسى بىلەن مەسلىھەتلىشىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن. ئالان ئېستېۋېزنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سانائەت تەرەققىياتىغا كاشىلا قىلىش نىيىتى يوق ئىكەن. ئالان ئېستېۋېز يۇقىرىقى سۆزلەرنى 21-ئۆكتەبىر توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «فۇجى چوققىسى دىئالوگى» يىغىنى ئەسناسىدا «نىكىي ئاسىيا» گېزىتىگە قىلغان.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسىنىڭ كەڭ ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكى»، «ھازىر سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭمۇ كەڭ ئومۇملىشىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرۈپ: «ئەندىشە شۇكى…. . كەلگۈسىدە سۈنئىي ئەقىل ئېنىق رەۋىشتە ھەربىي ئارقاسەپ، ھەربىي رادارغا قوماندانلىق قىلىدۇ ۋە ئۇنى كونترول قىلىدۇ ھەم ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ئاشىدۇ. شۇڭا، بىز ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىنى كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن. ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇلۇت ھېسابلاش مۇلازىتىمىگە ئېرىشىشىگە چەكلىمە قويسا، بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكادىن ئېرىشكەن تېخنىكالارنى ھەربىي تەرەققىياتىغا ئىشلىتىشنى چەكلەشتە باسقان يەنە بىر مۇھىم قەدىمى بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارالماقتا.