خىتاي «ئاممىۋى تەشكىلات قانۇنى» غا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.05.04

خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈندىكى باياناتىدا، ب د ت نىڭ خىتاي يېڭى ماقۇللىغان چەتئەل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنىغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئۆتكەن ھەپتە تولۇق ئاۋاز بىلەن بىر قانۇن ماقۇللاپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ خىتايدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئاشۇرغان.

قانۇندا چەتئەل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايدا ئىئانە توپلىشى ۋە ئەزا قوبۇل قىلىشى بىردەك چەكلەنگەن.

ب د ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىلىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۇر قانۇننىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىككە كەڭرى دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلىش خاراكتېرى بارلىقىنى ۋە بۇنىڭ خىتايدىكى ئۆكتىچى ئاۋازلارنى تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە بوغىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

چارشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى قىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېي ب د ت نىڭ يۇقىرىدىكى باياناتىنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ ئەيىبلىدى ۋە قانۇننىڭ خىتايدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان بارلىق «ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى. ھالبۇكى، مەزكۇر قانۇن ئېلان قىلىنغاندىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

ئاقساراي 28-ئاپىرىلدىكى باياناتىدا چەتئەل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا 1000 دىن ئارتۇق چەتئەل ئاممىۋى تەشكىلاتى مەشغۇلات قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قانۇن ئۇلارنى ھەر زامان خىتايدىن قوغلىنىش خەۋپىگە دۇچار قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.