ئامېرىكا خىتايغا قاتتىق قوللۇق بىلەن سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەھۋالدىمۇ ئىسرائىلىيە يەنىلا خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانىدى، ئەمما يېقىندا بۇ دۆلەت ئامېرىكانىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتكەن.
«ئېرۇسالىم پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سەيشەنبە كۈنى (22-ئىيۇن) ئۆتكۈزۈلگەن 47-قېتىملىق يىغىنىدا ئىسرائىلىيە بىر ئەيىبنامىگە ئىمزا قويۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىسىنى توختىتىش مەيدانىنى ئىپادىلىگەن. بۇ قارار ئىسرائىلىيەنىڭ خىتايغا قاراتقان دىپلوماتىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئەيىبنامىگە 41 دۆلەت ئىمزا قويغان، ئەمما بۇ ئەيبنامىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن ئىبارە قوللىنىلمىغان. بۇنداق ئەيىبنامىلەر بۇرۇنقى يىغىنلاردىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئەمما ئىسرائىلىيە تۇنجى بولۇپ بۇ ئەيىبنامىگە ئىمزا قويغان. دىپلوماتىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ مەيدانىنى ئىپادىلىشىدە ئامېرىكا بىلەن كانادا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
بۇ يىغىندىن ئىلگىرى خىتاي دىپلوماتلىرى ئىسرائىلىيەنى بۇ ئەيىبلەشكە قېتىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، ئىسرائىلىيە خىتاينى غەزەبلەندۈرىدىغان بۇ ئەيبنامىگە ئىمزا قويۇپلا قالماستىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تېپىش تەشەببۇسنامىسىنى قوللاپ بېلەت تاشلىغان.
