«لوس-ئانژېلىس ۋاقتى» گېزىتى ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنىڭ «خىيالى نورماللىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-12-18
Share

ئامېرىكانىڭ «لوس-ئانژېلىس ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى بىر ھەپتىلىك زىيارەت قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ «خىيالى نورماللىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۇرگەن. مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرى بۇ سەپىرىدە رايوندىكى بىر قىسىم تۈرمە، تۇتۇپ تۇرۇش مەزكەزلىرىنى، چېقىۋېتىلگەن مەسچىت ۋە قاتتىق بىخەتەرلىك ئاستىدىكى كارخانىغا ئوزگەرتىلگەن لاگېرلارنى سىرتىدىن زىيارەت قىلغان. خەۋەردە تەكىتلىشىچە، ئۇلار زىيارەت قىلغان قەشقەر، كورلا قاتارلىق جايلاردىكى بىرقانچىلىغان ئۇيغۇر يېزىسى قۇرۇغدىنىپ قالغان بولۇپ، ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرىگە «بۇ ئۆيلەرنىڭ ئىگىلىرى ئۇزۇن مەزگىل يوق بولغانلىقى ئۈچۈن قۇلۇپلاندى،» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىكەن.

خەۋەردە كورلا سىرتىدىكى بىر يېزىدا بىر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ يەرلىكلەر بىلەن سۆزلىشىش «بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى» نى تەكىتلەپ: «بۇ يەردە پۇقرالار بىلەن سۆزلىشىشكە بولمايدۇ، تاشقىرىدا بىزگە دائىر بەك كۆپ سەلبىي خەۋەر بېرىلدى. سىلەر پەقەت بىز ئورۇنلاشتۇرغان كىشىلەر بىلەنلا سۆزلىشىسىلەر،» دىېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«لوس-ئانجژېلىس ۋاقتى» گېزىتىنىڭ «ياشىشىمىزغا رۇخسەت قىلامدۇ؟-شىنجاڭدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن ساق قالغانلار بىلەن سوزلىشىش» ناملىق بۇ خەۋىرىدە مۇخبىر ئۆزىنىڭ تۈرمىدىن چىققان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە قەشقەرنىڭ كېچلىك بازىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچدىكى نان مۇزېيىدا خېرىدارلارنى نان تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقى، ساياھەت ئورۇنلىرىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ۋە «ھەرگىز ئايرىلماسلىق» توغرىسىدىكى ناخشىلارنىڭ ئېيتىلىدىغانلىقى، «دائىرىلەرنىڭ شىنجاڭدا خىيالى بىر نوماللىقنى تەسۋىرلەۋاتقانلىقى» تەكتىلەنگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت