ئۇيغۇر رايونىدا خىيانەتچىلىككە ئائىت 806 دېلو بىر تەرەپ قىلىنغان
2016.01.13
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئابدۇرېھىم 13 - يانۋار ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا دوكلات بېرىپ، 2015 - يىلى ئۇيغۇر رايونىدا خىيانەتچىلىككە ئائىت 806 دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇ دېلولارغا 945 كىشىنىڭ چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ئۇ بۇ دېلولاردا جاۋابكارلىققا تارتىلغانلاردىن 48 نەپىرىنىڭ باشقارما دەرىجىلىك، 6 نەپىرىنىڭ نازارەت دەرىجىلىك كادىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا 2015 - يىلى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇشتا، «يولۋاس» قىمۇ، «چىۋىن» گىمۇ تەڭلا زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئادەتتە خىتاي جەمئىيىتىدە چوڭ مەنپەئەتلىك ساھەلەردىكى خىيانەتچىلەر «يولۋاس»، كىچىك ساھەدىكىلىرى «چىۋىن» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نىشان ئابدۇرېھىم يۇقىرىقى تەسۋىرى ئارقىلىق خىيانەتچىلىككە زەربە بېرىشنىڭ قانۇن ۋە پرىنسىپ بويىچە داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە ئۇرۇنغان.
ئەمما ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى، خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان خىيانەتچىلىككە قارشى ھەرىكەتنىڭ پۈتۈنلەي قانۇنىيلىقى ۋە چىنلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقى ھەمدە خىتاي كومپارتىيىسى ئاغدۇرۇلماي تۇرۇپ خىتايدا خىيانەتچىلىكنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.









