ش ئۇ ئا ر سىياسىي-قانۇن سېكرېتارى: «ئارال شەھىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئادەم يىغىڭلار»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-05-11
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭ ئارال شەھىرىنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر شەھەرگە تېخىمۇ كۆپ ئادەم يىغىشنى، ئۇنىڭ «بىڭتۇەن» نىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشىدە ئاۋانگارتلىق رول ئويلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. «بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ بۇ سۆزلەرنى 8 ۋە 9-ماي كۈنلىرى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى»، يەنى «بىڭتۇەن» 1-دېۋىزىيەسى تۇرۇشلۇق مەزكۇر شەھەردە خىزمەت تەكشۈرۈشىدە بولغاندا تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىغا كەڭ كۆلەملىك كۆچمەن يۆتكەش دولقۇنى قوزغاش بىلەن بىرگە، يەرلىك ئۇيغۇرلارنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەۋاتقان مەزگىلدە ئارالنى زىيارەت قىلىپ، بۇ سۆزلەرنى قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ نوپۇسنى ئۇيغۇرلارغا قارشى بىر خىل قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ خىتاي نوپۇسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ۋاڭ جۈنجېڭنىڭ تەكىتلىشىچە، ئارال شەھىرى «كومپارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنىڭ باش نىشانى، شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورنىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى. . بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشىدە ئاۋانگارتلىق رول ئوينىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن».

ئۇ يەنە «بىڭتۇەن» نىڭ «ھەر خىل مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى رايونلارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، يەرلىكنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىشى، كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى جەلپ قىلىدىغان مۇھىت يارىتىشى، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى يىغىشى» تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت