خەمىت ھەمرايېفنىڭ «خوجىلار ۋەزىپىسى» ناملىق تارىخى رومانى ئۇيغۇر تىلىدا ئېلان قىلىندى

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىسى، ئەدەبىياتشۇناس دوكتور خەمىت ھەمرايېفنىڭ «خوجىلار ۋەزىپىسى» ماۋزۇلۇق تارىخى رومانى يېقىندىن بۇيان رۇس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەھر ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

خەمىت ھەمرايېفنىڭ «خوجىلار ۋەزىپىسى» ناملىق تارىخى رومانىنىڭ بىرىنچى كىتابى ئالماتادىكى مىر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2016-يىلى رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، يېقىندا ئىككىنچى كىتابى چىققان ئىدى.

«خوجىلار ۋەزىپىسى» رومانى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن رۇس تىللىق ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىغان بولۇپ، ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش تەلەپلىرى كۆپەيگەن ئىدى. نەتىجىدە، قازاقىستاندىكى «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مالىك مەمەدىنوف ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشنى باشلاپ، ئالماتادا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ ھەر سانلىرىدا ئېلان قىلىشقا كىرىشتى.

«خوجىلار ۋەزىپىسى» ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادا بىردىن-بىر رۇس تىلىدا تارىخى رومانلارنى يېزىپ نەشر قىلىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىسى خەمىت ھەمرايېفنىڭ 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي قىسمەتلىرىگە ئائىت «غۇلجا يولى» ناملىق تارىخى رومانىدىن كېيىنكى ئىككىنچى رومانىدۇر.

«خوجىلار ۋەزىپىسى» تارىخى رومانىدا مىلادىيە 1514-يىلى قۇرۇلغان سەئىدىيە خانىدانلىقىنىڭ سىياسىي قىسمەتلىرى، بولۇپمۇ خانىدانلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ھاكىمىيەت قاتلىمىغا سىڭىپ كىرگەن خوجىلار بىلەن ھۆكۈمرانلار ئارىسىدىكى كۈرەشلەر، خوجىلار ۋە ئىچكى نىزالارنىڭ خانلىقنىڭ تەقدىرىگە كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرلىرى ۋە باشقا ئەھۋاللار بەدىئىي يوللار بىلەن تەسۋىرلەنگەن. شۇ دەۋر تارىخىنى ياخشى تەتقىق قىلغان خەمىت ھەمرايېف ئەينى دەۋرگە ئائىت كلاسسىك ئەسەرلەردىن «تارىخى كاشغەر»، «تەزكىرەئى خوجىگان»، «تارىخى رەشىدى» قاتارلىقلارنى ئەسەرنىڭ رېئال تارىخى مەنبەسى قىلغان.

روماننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى پات ئارىدا يەنە ئىنتېرنېت ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭمۇ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.