خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىدىكى چېكىنىش ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئەندىشە پەيدا قىلدى
2016.11.17
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇشلارنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي ئەپ كېتىلىشى ۋە ئۇ يەردە تېلېۋىزىيىگە چىقىرىپ ئىقرار قىلدۇرۇلۇش ۋەقەسى ۋە شۇنداقلا يېقىندىن بۇيانقى خوڭكوڭ پارلامېنتىغا سايلانغان ئىككى ياش پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قەسەم بېرىش ۋەقەسىگە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قول تىقىشى بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدا خوڭكوڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە قارىتا ئەندىشە ياراتقان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى چارشەنبە كۈنىدىكى يىللىق دوكلاتىدا بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، خوڭكوڭدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ۋەقەلەر خوڭكوڭنىڭ خەلقئارا مالىيە مەركىزى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە سوئال پەيدا قىلماقتا، دېگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو ۋە توم كوتتون خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇشلار ۋە ژۇرنالىستلارنى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇشقا قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى مال -مۈلكىنى توڭلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇ ھەقتىكى قانۇن لايىھەسىنى تەييارلاپ ئېلان قىلغان.
يۇقىرىدىكى كومىتېت تەييارلىغان دوكلاتىدا، خوڭكوڭدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە تەتقىقات ئەركىنلىكىنىڭمۇ چېكىنگەنلىكى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەمدى خوڭكوڭغا قاراتقان سىياسىتىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بولسا بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ «خوڭكوڭ دېگەن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، چەتئەللەرنىڭ ئۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق» دېگەن.









