ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى 5 نەپەر خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇشنى دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىردى

ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى 5 نەپەر خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇشنى دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىردى. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىكىر ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت ئەڭ تەبىئىي ھوقۇقلىرىدىن پايدىلانماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن قوپاللىق بىلەن تۈرمىگە قامالغان بارلىق مەھبۇسلارنىڭ قويۇۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيە ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىگە ئائىت كىتابلارنى سېتىش ۋە نەشر قىلىش بىلەن تونۇلغان بۇ 5 نەپەر كىتابپۇرۇش سىرلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئەنگلىيە پۇقراسى، يەنە بىرى شىۋېتسىيە پۇقراسى ئىدى.

بىر قانچە ھەپتە ئۆتكىچە ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغاندىن كېيىن خوڭكوڭدا بۇ كىشىلەرنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن يوشۇرۇنچە تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە سۆز-چۆچەكلەر پەيدا بولغان.

دەرۋەقە، پەيشەنبە كۈنى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تۇنجى قېتىم ئۇلارنىڭ خىتايدا « قانۇنسىز ئىشلار» بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، بۇ 5 كىشىنىڭ يوقاپ كېتىشىدە ھۆكۈمەتنىڭ نېمە رول ئوينىغانلىقى ۋە ياكى بۇ بەشەيلەننىڭ قانداق بولۇپ خىتايغا كەپ قالغانلىقى ھەققىدە ئاخباراتقا چۈشەنچە بەرمىگەن. ئەمما ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ بەشەيلەننى قويۇۋېتىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، بىز ھەرقانداق دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىمىز» دېگەن.

مەزكۇر ۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر-ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە قارىتىۋاتقان كونترولنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.