ئامېرىكا خىتاينى خوڭكوڭدا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 21-ماي كۈنى خىتاينى خوڭكوڭنىڭ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ، خىتاينىڭ ماقۇللىماقچى بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى خوڭكوڭدا ئېغىر مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس 21-ماي كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس-ئەتتۈرمىگەن ھەرقانداق دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى ئېغىر مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدۇ شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ.»

مورگان ئورتاگۇس خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ باياناتى ۋە ئۇنىڭ قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ 1997-يىلى خوڭكوڭنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا بەرگەن ۋەدىلىرىگە خىلاپ ئىكەن. ئورتاگۇس خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى 1984-يىلى ئىمزالانغان «ئەڭىلىيە-خىتاي قوشما ئاخباراتى» دا ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىشقا، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ئارزۇسى، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىك ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. 21-ماي كۈنى يەنە پرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكانىڭ بۇ قانۇنغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «مەن ئۇنىڭ قانداق قانۇن ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. ھېچكىم ئۇنى كۆرۈپ باقمىدى. ئەگەر ئۇ ماقۇللانسا بىز ئۇنىڭغا ئىنتايىن كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىمىز،» دېگەن. نۆۋەتتە مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 22-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، «خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئاپتونومىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىنىڭ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئەگەر تەدبىر ئېلىنمىسا خوڭكوڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت