ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: ئامېرىكا خوڭكوڭ خەلقىنى قوللايدۇ
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو 27-ماي خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خوڭكوڭ بىخەتەرلىك قانۇنى ھەققىدە سۇنغان تەكلىپىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلدى.
-
مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-05-27 -
-
-
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو 27-ماي خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خوڭكوڭ بىخەتەرلىك قانۇنى ھەققىدە سۇنغان تەكلىپىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلدى.
يېقىندا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن خوڭكوڭ بىخەتەرلىك قانۇنى چىقىرىدىغانلىقنى ئېلان قىلغانىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو باياناتىدا: «خىتاينىڭ بۇ قارارى خىتاينىڭ خوڭكوڭ خەلقىگە بەرگەن ۋەدىسىگە، خەلقئارالىق شەرتنامىلەرگە خىلاپ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ‹خوڭكوڭ ھەرىكىتى قانۇنى›غا ئاساسەن خىتاينىڭ خوڭكوڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاپتونومىيە سىياسىتىنى تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار. پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خوڭكوڭدا خىتاي ۋەدە قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتونومىيەدىن ئەسەر يوق «دەپ كۆرسەتكەن.
پومپىيو باياناتىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ خىتاي ۋەدە قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتونومىيەنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرىشىدە ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.