كانادا ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ مەسىلىسى توغرۇلۇق خىتاينى ئەيىبلىگەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.11.12

«كانادا رادىيوسى» (CBC) تورىنىڭ 12-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى دېموكراتىك ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە كۆپلىگەن خوڭكوڭ پۇقرالىرىنىڭ كاناداغا كۆچمەن بولۇشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە، كانادا ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى كرىزىسىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى يەكۈنلىگەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ باشلىقى، لىبېرللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى پېتىر فرونسىسا(Peter Fronseca) نىڭ «بۇ كومىتېت شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىلمىشلىرى›ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى‹دا كۆرسىتىلگىنىدەك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ» دېگەن سۆزى ۋە يېڭى دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ھىدېر مەكفېرسون (Heather McPherson) نىڭ «ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىر مىللەتنى يوقىتىش، ئۇنىڭغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇ مىللەتنىڭ ئاياللىرىنى يوقىتىش كېرەك. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغۇشتىن چەكلىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ نەق ئۆزىدۇر» دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا ھۆكۈمىتىنى خوڭكوڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىدلەشتىن توختاشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.