خوڭكوڭدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ يېتەكچىلىرى پەيشەنبە كۈنى سوتقا چىقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.07.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2014 -يىلى خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن «مەركەزنى ئىشغال قىلىش» ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى 19 ياشلىق جاشۋا ۋاڭ پەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا سوتقا چىقىرىلغان. سوتتا ئۇنىڭغا « قانۇنسىز يىغىلىش قىلىش»جىنايىتى بېكىتىلگەن. ۋاڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ ئالېكساندىر چۇ ۋە نېتىن ئىسىملىك قالغان ئىككى سەپدىشىگىمۇ ئوخشاش جىنايەت بېكىتىلگەن.

خوڭكوڭ سوتىنىڭ بۇ قارارى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى نارازى قىلدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ سوتىنىڭ قارارىنى «پىكىر ئەركىنلىكى، يىغىلىش ۋە نامايىش قىلىش ئەركىنلىكىگە بېرىلگەن بىر زەربە» دەپ ئەيىبلىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خوڭكوڭدىكى شۆبىسىنىڭ دىرېكتورى مابېل ئاۋ بولسا «خوڭكوڭ دائىرىلىرى ئۇلارغا يوقىلاڭ جىنايەتنى ئارتىش ئارقىلىق، سىياسىي ئۆچ ئالدى» دېگەن. بىراق، خوڭكوڭ سوتىنىڭ سوتچىسى جۈن چۇڭ سوت قارارىنىڭ سىياسىيلىقىنى رەت قىلغان.

جاشىۋا ۋاڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار 2014 -يىلى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە قارشى نامايىش باشلىغان. 79 كۈن داۋام قىلغان نامايىش ئاخىرى خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تەرىپىدىن ياش بومىسى ۋە شۇنىڭدەك باشقا زورۋان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشى ئاستىدا تارقىتىۋېتىلگەن ھەم ھەرىكەتنىڭ لىدىرلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

جاشىۋا ۋاڭ بولسا سوت قارارىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، «قانداق بەدەل تۆلىشىمىزدىن  قەتئىينەزەر بىز ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىغا قارشى كۈرەش قىلىمىز» دېگەن. ئۇ ھازىرچە ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنۇش - سۇنماسلىق ھەققىدە قارار قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.   

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.