خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان دېموكراتىك نامايىش 7-ئۆكتەبىر كۈنى 10-كۈنىگە قەدەم قويدى. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە خوڭكوڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن ئوقۇغۇچىلار دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭ ھۆكۈمەت بىناسىدا ئىشلەيدىغانلار ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت بىناسى ئەتراپىدىكى مەيدان ۋە يوللارنى ئىگىلىگەن ئوقۇغۇچىلار يەنىلا نامايىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 6-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى كەچتە ئوقۇغۇچىلار خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش تەكلىپىنى شەرتلىك قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەردىن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى ئورۇنلاشقا ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىن ئىلگىرى ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىش نامايىشى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى نارازى قىلىۋاتقان ۋە قاتتىق ئەنسىرەتكەن بولۇپ، خەلق گېزىتى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشى قاتتىق ئەيىبلەندى. خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە يەنە، خوڭكوڭدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى قوللىغان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى «جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇندى» دەپ ئەيىبلەندى. خوڭكوڭ ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نامايىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، خوڭكوڭ نامايىشى 1989-يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى دەپ تەرىپلەنمەكتە.