ھۆكۈمەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت نەتىجىدە بەرمىگەندىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى 200 گە يېقىن نامايىشچى خوڭكوڭ ۋالىيسىنىڭ تۇرالغۇسىغا يۈرۈش قىلىپ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا ئاتلاندى.
باشقا نامايىشچىلار خوڭكوڭنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىنى ئىگىلەش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇردى.
خوڭكوڭ ۋالىيسى لياڭ جېڭيىڭنىڭ تۇرالغۇسىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان نامايىشچىلار ئۇنى دەرھال ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى.
ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىب تاپقان خوڭكوڭ دېموكراتىيە نامايىشچىلىرى ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان خوڭكوڭنىڭ ئاساسلىق رايونلىرىنى ئىگىلەپ خىتايدىن دېموكراتىيە تەلەپ قىلماقتا ئىدى.
ئۇلار، خوڭكوڭدىكى بېيجىڭ بەرەس سايلاش گۇرۇپپىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە 2017-يىللىق رايون باشلىقىنى ئۆزلىرى سايلاشنى تەلەپ قىلغان.
ھالبۇكى، نامايىشچىلارنىڭ تەلەپلىرى ھازىرغىچە جاۋابسىز قالدۇرۇلغان. ھۆكۈمەت ئىلگىرى ئىككى قېتىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ۋەدىسىدىن يېنىۋالغان.
3-قېتىملىق سۆھبەت 21-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلدى. شۇنچە تەستە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سۆھبەت نەتىجىسىز ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار نامايىشنى يەنە داۋام قىلدى.
ئوقۇغۇچىلار بۇ نۆۋەتلىك نامايىشنى ھۆكۈمەت تەلەپلىرىگە قۇلاق سالغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.