خىتاي ھۆكۈمىتى 2024-يىلى ئىچىدە خوڭكوڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدىكى «ھەمكارلىق» نى كۈچەيتىشنى كۆزلىمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن خوڭكوڭ ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكچى بولغان.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 20-مارت كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بىلەن «خوڭكوڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى جەمئىيىتى» تۇنجى قېتىملىق يېتەكچى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

خەۋەردىن قارىغاندا، يىغىندا ئۇيغۇر ئېلى بىلەن خوڭكوڭنىڭ 2024-يىلدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق پىلانىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنۇلار دېيىلگەن:

«بارلىق ئەزا ئورۇنلار ۋە كارخانىلار تۈر بېكىتىش ۋە باشقا خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەمكارلىق دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى؛ شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسىپلەرنى كۈچەيتىشى؛ خوڭكوڭ، ئاۋمېن ۋە چەت ئەللەردىن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشى؛ ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. »

يىغىندا يەنە، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن خوڭكوڭ ئارىسىدىكى «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سودا سۆھبىتى، ئوقۇتۇش ۋە تەربىيەلەش خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنىڭ تەرتىپلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش» مۇ تەلەپ قىلىنغان.

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى بىلەن خوڭكوڭ ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بۇ يىغىن ئېچىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 19-مارت كۈنى خوڭكوڭ پارلامېنتى «دۆلەت بىخەتەرلىكنى قوغداش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغانىدى. خىيانەتچىلىك، بۇزغۇنچىلىق، توپىلاڭ چىقىرىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش ۋە جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى جىنايەت قىلىپ بېكىتىلگەن ھەمدە جازالاش ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىنى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر «خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشى، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ مۇتلەق ئىسكەنجىگە ئېلىنىشى» دەپ باھالىغان ئىدى.

خوڭكوڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقاتلار 2023-3-ئايدا خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى جېڭ ۋېييۈەننىڭ ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولۇشى بىلەن باشلانغان. ئەينى چاغدا ئامېرىكادىكى خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەر رادىيومىزغا بىلدۈرگەن ئىنكاسلىرىدا، «ئىككى تەرەپ ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىپ قېلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىشتىكى قاتتىق قول تەدبىرلىرىنى خوڭكوڭغا كۆچۈرۈپ بېرىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ باھالىغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2022-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى» نىڭ باشلىقىنى خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش قاراۋۇلخانىسىغا باشلىق قىلىپ يۆتكىگەنىدى.