تەيۋەن ھۆكۈمىتى سابىق پرېزىدېنت ما يىڭجيۇنى خوڭكوڭغا بېرىشتىن چەكلىدى

تەيۋەن ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇنىڭ 15‏-ئىيۇن كۈنىگە بېكىتىلگەن خوڭكوڭدىكى بىر ئاخبارات مۇكاپاتى مۇراسىم سەپىرىنى چەكلىدى.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى 2003-يىلى بېكىتىلگەن «يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ 3 يىلغىچە تەيۋەن بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن سەزگۈر رايونلارنى زىيارەت قىلماسلىقى كېرەك» دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن چىقارغان.

تەيۋەن ھۆكۈمەت باياناتچىسى بۈگۈنكى بۇ چەكلىمە ھەققىدىكى ئىزاھاتىدا «خوڭكوڭدا تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن سەزگۈر بىر ئورۇن، سابىق پرېزىدېنتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قېيىن» دېگەن.

رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ما يىڭجيۇ تەۋە بولغان مىللەتچى پارتىيە (گومىنداڭ پارتىيىسى)،مەزكۇر قارارنىڭ تەيۋەننىڭ ئىچكى سىياسىتى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.