خوڭكوڭدا سىياسىي ئۆكتىچىلەر جۈمە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىلىشىش ئورنى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوڭكوڭلۇق كىتابچى لىن رۇڭجىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
لىن رۇڭجى ئۆتكەن يىلى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن 5 نەپەر كىتابچىنىڭ بىرى. ئۇ يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان. لىن رۇڭجى يېقىندا قويۇپ بېرىلىپ، خوڭكوڭغا قايتىپ كەلگەن ئىدى.
ئۇ پەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭ ئاخباراتىغا ئۆزىنىڭ قانداق تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، خوڭكوڭدا خىتايغا قارشى كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان. جۈمە كۈنى 30- 40 دەك نامايىشچى «چېگرا ئاتلاپ ئادەم تۇتۇشقا رۇخسەت يوق» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوڭكوڭغا ئادەم ئەۋەتىپ، 5 نەپەر ئۆكتىچى كىتابچىنى تۇتۇپ كېتىشى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچىلەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
ئەنگلىيە، خىتاينىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جۈمە كۈنى، خوڭكوڭ دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يىن جاۋجيەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن باياناتىدا خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇ « بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈمنىڭ خالىغانچە سۇيىئىستېمال قىلىنىشىغا، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا قاراپ تۇردى» دېگەن.