يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە بىر قىسىم خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان

1-سېنتەبىر كۈنى، خوڭكوڭدىكى مەكتەپلەردە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغان بىرىنچى كۈنى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىپ پائالىيەت قىلغان.

1-سېنتەبىر كۈنى، خوڭكوڭدىكى مەكتەپلەردە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغان بىرىنچى كۈنى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىپ پائالىيەت قىلغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوقۇش باشلانغان بىرىنچى كۈنى خوڭكوڭدىكى مەكتەپلەردە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان خەتلەر بېسىلغان ئاق مايكىلارنى كىيىپ مەكتەپكە كەلگەن. ئۇلار يەنە «خوڭكوڭ جۇمھۇرىيىتى» دەپ خەت بېسىلغان يالغان پاسپورتلارنى مەكتەپ ئىچىدە تارقىتىش ئارقىلىق مۇستەقىللىق تەلىپىنى ئىپادە قىلغان. 17 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپ ئىچىدە نۇتۇق سۆزلەپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم-قىپقىزىل يالغانچىلىق» دېگەن ۋە ئوقۇغۇچىلارنى بۇ ھەقتە ئويلىنىشقا چاقىرغان.

رويېترسنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىدىكى پاسپورت تارقاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنە بىرى 15 ياشلىق ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتى بولغان «كۈنلۈك ھەرىكىتى» نىڭ ئەزالىرىدىن بىرى ئىكەن.

رويتېرس ئۆز خەۋىرىدە ھازىر خوڭكوڭدىكى مەكتەپلەرنىڭ بىر تىركىشىش مەيدانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، يۇقىرىقىدىكىدەك پائالىيەتلەرنىڭ بۈگۈن خوڭكوڭدا ئاز دېگەندە 6 مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

خوڭكوڭدا 2014-يىلى مارت ئېيىدا باشلانغان «مەركىزى مەيداننى ئىشغال قىلىش» دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىمۇ 17-19 ياشلار ئارىسىدىكى ياشلار ئىدى. نەچچە مىڭلىغان ياشلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن داۋام قىلغان بۇ ھەرىكەت 3 ئايدىن كېيىن تارقاقلاشتۇرۇۋېتىلگەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org