مۇستەقىلچى ياشلار خوڭكوڭ سايلىمىدا تۇنجى قېتىم پارلامېنتقا كىردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.09.05

دۈشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان خوڭكوڭ پارلامېنت سايلىمىدا خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنىڭ تەرەپدارى بولغان ياش سىياسىي ئاكتىۋىستلارمۇ غەلىبە قىلغان.

بۈگۈنكى ياھو خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 2014 ‏-يىلدىكى چوڭ دېموكراتىك نامايىشتىن كېيىن قۇرۇلغان خوڭكوڭ ياشلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ناتان لاۋ، باگگيو لۇڭ ۋە ياۋ ۋۇيچىڭ قاتارلىقلار يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشىپ پارلامېنتتا ئورۇن ئىگىلىگەن. ياشلىرى 23، 26 ۋە 28 بولغان بۇ ۋەكىللەر، سايلام پائالىيەتلىرىدە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققى بارلىقى، شۇڭا خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنىڭ خەلق رايىغا سۇنۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، 70 كىشىلىك خوڭكوڭ پارلامېنتىدا تۇنجى قېتىم مۇستەقىللىق تەشەببۇسىدىكى سىياسەتچىلەرنىڭ ئورۇن ئېلىشىدۇر. بۈگۈنكى ياھو خەۋىرىدە بايانلىرى نەقىل ئېلىنغان سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى بۇ يېڭىلىقنى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆز سىياسىي ئىرادىسى ۋە ئەندىشىلىرى ھەققىدە بېيجىڭغا قارىتا جاراڭلىق بىر سىگنال بېرىشى دەپ تەھلىل قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.